تۈركىستاندا تۈركولوگىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە 7 – نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركولوگىيە يىغىنى چاقىردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا تۈرك – قازاق خوجا ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «خەتەر ئاستىدىكى تۈركىي تىللار» تېمىلىق يىغىندا كۆپ ساندىكى ئالىملار ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
خوجا ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇستافا ئەرەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تىلنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇد بولۇش سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز مەۋجۇدىيىتىمىزنى پەقەت تىلىمىز ئارقىلىق لا ساقلاپ قالالايمىز. ئەگەر تىلىمىز خەۋپ ئاستىدا قالغان بولسا، ئۇنداقتا مەۋجۇدىيىتىمىزمۇ خەتەر ئاستا دېمەكتۇر.»
باشكەنت ئۇنىۋېرسىتېت تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور سۈئەر ئەكەر، دۇنيادىكى بەزى تۈركىي تىللارنىڭ يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇنىڭغا قىرىم قاراجايچىسى ۋە گاگاۋۇز تىلىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر سۆزلىشىدىغان بۇ تىلنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئانچە ئۇزۇن ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەكەر، تىلنىڭ يوقۇلۇش سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ ئائىلىلەردە بالىلارغا ئانا تىلنى ئۆگەتمەسلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.