قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى

قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تېمىر جۇمەقادىروۋ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى.

822199
قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمەقادىروۋ ئولتۇرغان ئاپتوموبىل دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى چۇي رايونىغا جايلاشقان سادوۋويې يېزىسى ئەتراپىدا يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كەتكەن، ۋەقەدە جۈمەقادىروۋ بىلەن ئۇنىڭ ياردەمچىسى مۇرلان جامگىرچىيېۋ ۋە شوپۇرى قازا قىلغان.  يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى بالنېسقا ئېلىنغان. ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر