قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

821716
قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلىتى قازاقىستان لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشكە تەييارلانماقتا. قازاقىستاننىڭ بۇ قارارغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللار بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

* * * * *

قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش يولىدىكى خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. بۇ مۇساپىدە قانداق بىر ئېلىپبەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى مەسىلىسى ياۋرو-ئاسىيا ۋە تۈرك دۇنياسىدا قىزىقىش قوزغىماقتا. مەن تىل تەتقىقاتچىسى بولمىساممۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىمۇ ئېلىپبەلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمەن. چۈنكى، ئېلىپبەلەر دۇنيادا بىر خەلقنىڭ ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەسلىدە بىر تىلدا يېزىش ئۈچۈن بىردىن كۆپ ئېلىپبەنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمما، تىلدىكى تاۋۇشلارنى ئېلىپبەلەرنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى مۇھىمدۇر.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش توغرىسىدىكى ئەڭ كەسكىن ئىپادىنى 2012 – يىلى ئېلان قىلىنغان 2050 – يىللىق ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا ئىشلەتتى. 2025 – يىلىنى تەلتۆكۈس ئۆتۈپ بولۇش يىلى دەپ كۆرسەتتى. 2018 – يىلى تەلىم – تەربىيە ساھەسىدە لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش بىلەن باشلاپ، بۇ مۇساپىنى 2025 – يىلىغىچە تولۇق بېسىپ بولۇش پىلانلانماقتا. ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېلىپبە ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە 600 مىليون تەڭگە (1 مىليون 800 مىڭ دوللار ئەتراپىدا) مەبلەغ ئاجرىتىلدى.

تۈرك تىللىرى ئۈچۈن لاتىن ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىش يېڭى ئەھۋال ئەمەس. كۇمان كىتابى 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىپچاق تۈركچىسى دىيالېكتىكىسى بويىچە لاتىن ئېلىپبەسى بىلەن يېزىلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1928 – يىلى لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، 1991 – يىلى ئەزەربەيجان بىلەن تۈركمەنىستان، 2001 – يىلى ئۆزبېكىستانمۇ ئوخشاش يولنى تۇتتى.

يېقىنقى تارىخىي مۇساپىگە قارىغىنىمىزدا، 1926 – يىلىدىكى باكۇ قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۈرك دۇنياسىدىكى سۈرئەت بىلەن ئىشقا ئاشقان لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش مۇساپىسى، تۈرك دۇنياسىدا تىل ۋە ئېلىپبە بىرلىكى قىسمەن روياپقا چىققان بىر دەۋر بولدى. تۈركىيەدە 1928 – يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئېلىپبە ئۆزگەرتىشنىڭ تۈپ نىشانلىرىنىڭ بىرى، بۇ مۇساپىنىڭ سىرتىدا قالماسلىق ئۈچۈن ئىدى. لاتىن ئېلىپبەسى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئېلىپبەسى سۈپىتىدە رەسمىيلەشتۈرۈلۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىچىدە بۇ ئىشتىن نارازى بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە ئورگىنى، 1935 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشنىڭ ئېغىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشقا يېڭى ئېلىپبە كومىتېتىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارقالغان تۈرك دۇنياسىدا لاتىن ئېلىپبەسى بىرلىكى دەۋرى ئۈچۈن ئاخىرلىشىشنىڭ باشلانغۇچى بولۇپ قالدى. بۇ قىسقا مەزگىللىك ھەرىكەتلىنىشتىن كېيىن، ئۇرۇش يىللىرىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ھەر بىر تۈرك توپلۇقى ئۈچۈن فونېتىكىلىق ئىملانى چىقىش قىلىدىغان ئون سەككىز پەرقلىق كىرىل ئېلىپبەسى يولغا قويۇلدى.

قازاقىستان تىلشۇناسلىرىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە تەييارلانغان ئېلىپبە تەكلىپى پارلامېنتغا سۇنۇلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى 42 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان قازاق ئېلىپبەسى يېڭى ئېلىپبەدە 25 ھەرپكە قىسقارتىلدى. بىراق، قازاقچىدىكى سەككىز تاۋۇشنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىككى ھەرپنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىلدى. ئۆمەر خالىسدەمىر ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى تۇرگاي دۈگەننىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئېلىپبەدىكى ھەرپ سانىنى ئازايتىش نۇقتىسىدىن ياخشى بولسىمۇ، بۇنىڭ قازاقچىنى يېزىش ۋە ئوقۇشنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن. ئېلىپبە تۈزگەندە بىر تاۋۇش بىر ھەرپ پىرىنسىپىنى چىقىش قىلىش بىلەن بىرگە، باشقا تۈركىي قەۋملەر بىلەن يېقىنلىشىشنىمۇ مۇھىم بىر پىرىنسىپ، دەپ بىلىش پايدىلىق بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى ۋە ئەزەربەيجاندىكى تاۋۇشلار بىلەن ئوخشاش بولغان قازاقچە تاۋۇشلار ئۈچۈن، بۇ ئېلىپبەلەردىكى ھەرپلەرنى ئۆز پېتى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.

ئەلۋەتتە بۇ مۇساپىنىڭ سىياسىي تەرەپلىرىمۇ بار. رۇسىيە رۇسچە سۆزلىشىدىغان رايونلارغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. رۇسىيە ناھايىتى تەبىئىي ھالدا قازاقىستاننىڭ كىرىل ئېلىپبەسىدىن ۋاز كېچىشىنى خالىمايدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قەدەملەرنى تاشلىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. مەن، رۇسىيەنىڭ قازاق خەلقىنىڭ بۇ ئەركىن تاللىشىغا ئاڭلىق پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېلىپبە ئۆزگەرتىش قازاقىستانغا نىسبەتەن بىر سىياسىي تاللاش ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان مەڭگۈ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنامدۇ ياكى ئۆزى بىر پارچىسى بولغان تۈرك دۇنياسى ۋە غەرب بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلامدۇ؟ تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستان ھەر خىل لاتىن ئېلىپبەلىرىگە ئۆتتى. قىرغىزىستانمۇ مۇشۇنداق پىلانلارنى تۈزمەكتە. تۈرك دۇنياسىنىڭ باشقا رايونلىرى لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتكەن يەردە، قازاقىستاننىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسمىدىن ئايرىم تۇرۇشىنى كۈتكىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى دۆلەتنىڭ مەنىۋى ۋە مەدەنىي تەرەققىياتىدىكى تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. تارىخىي كەچۈرمىشى، مەدەنىيىتى ۋە زېمىنلىرى بىلەن بىرلىكتە تىل ھەر دائىم بىر مىللەتنىڭ / بىر دۆلەتنىڭ ئاساسلىق بىرلىشىش پىرىنسىپىدۇر. بۇ يۆنىلىشتە قازاقىستان مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان دەسلەپكى كۈندىن بۇيان قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ قازاق تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىگە شاھىت بولماقتىمىز.

قازاقىستان ئېلىپبە ئۆزگەرتىش بىلەن بىرلىكتە غەرب مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ يېقىن ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئېلىپبە ئۆزگەرتىش لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈپ بولغان باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ ئىجابىي ھەسسە قوشىدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاقساقىلى، دانىشمەن رەھبىرى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ رەھبەرلىكىدە قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشىگە قازاقىستاننىڭ دۇنيانىڭ ئىلغار ئەللىرى ئارىسىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە تۈرك دۇنياسىدا مەدەنىيەت بىرلىكى ئورنىتىش نىشانلىرىنى بويلاپ تاشلانغان قەدەملەرنىڭ بىرى، دەپ باھا بەرسەك بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر