تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ساغلاملىق ھەپتىلىكى

5 – نۆۋەتلىك تۈركىيە - ئۆزبېكىستان ساغلاملىق ھەپتىلىكى پائالىيەتلىرى ئۆزبېكىستاندا باشلاندى

818490
تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ساغلاملىق ھەپتىلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقلىرى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى ۋە ئۆزبېكىستان ساغلام ئەۋلادلار فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەر تەرمىز شەھىرىدە داۋاملاشماقتا.

سەھىيە مىنىستىرلىقى باشقۇرۇش ۋە رەسمىيەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئارىف چەتىن باشلىقىدىكى 15 دوختۇردىن تەشكىل تاپقان تۈركىيە ھەيئىتى 6 – ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان ساغلاملىق ھەپتىلىكى پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە تەرمىز بالىلار دوختۇرخانىسىدا 130 دىن ئارتۇق بالىغا شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسى خىزمىتى سۇنىدۇ.

ئۆزبېكىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رايونلاردا ياشاۋاتقان ۋە تاڭلاي – كالپۇك يېرىلىش، كۆيۈك ۋە تۇغۇت داغلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئۆزبېك بالىلار ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ. ئوپېراتسىيەلەردە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق تىببىي ماتېرىياللار ۋە دورىلارنى تۈركىيە تەمىنلەيدۇ.

تۈرك دوختۇرلار «ساغلاملىق ھەپتىلىكى» پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئۆزبېك دوختۇرلار بىلەن ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر