ئەلىيېۋ: زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى، بىراق زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

811508
ئەلىيېۋ: زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ نىيۇ يوركتا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 72 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، ئەزەربەيجان زېمىنىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ئىشغال سەۋەبىدىن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ مۇساپىرغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تاغلىق قاراباغ ۋە ئىشغال ئاستىدىكى باشقا رايونلاردىمۇ ئەزەربەيجانلىقلارغا قارشى ئېتنىك تازىلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەلىيېۋ  مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەرمېنىيە 1992 – يىلى 26 - فېۋرال يۈز بەرگەن خوجالى قەتلىئامىدا 613 پۇقرايىمىزنى قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 106 سى ئايال، 63 ى نارىسىدە بالا بولۇپ، بۇ قەتلىئامنى  يۈرگۈزگەنلەردىن بىرى ئەرمېنىيەنىڭ ھازىرقى پىرېزىدېنتى ئىدى.»

ئەلىيېۋ خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش توغرۇلۇق كۆپلىگەن قارارلارنى چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھالبۇكى، ئەرمېنىيە بۇ قارارلارنى كۆزگە ئىلمايۋاتىدۇ. بەزىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى بىرقانچە كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەمما بىزدە بولسا ئۇدا 24 يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنمايۋاتىدۇ. بۇ  قوش ئۆلچەم بولۇپ، قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەرمېنىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك.»

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 2016 – يىلى ئاپرېلدا 6 ئەزەربەيجان پۇقراسىنى قەتل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەلىيېۋ سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى  ئىلاۋە قىلدى: «بۇنىڭغا ئاساسەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئىشغال ئاستىدىكى رايونلارنىڭ بىر قىسمىنى ئازاد قىلىپ، ئەزەربەيجان بايرىقىنى لەپىلدەتتى. ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى بۇ ساۋاقنى ھەرگىزمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقى لازىم. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە، كېيىنكى ئىغۋاگەرلىكنىڭ جاۋابى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئەزەربەيجان مەسىلىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى خالايدۇ، بىراق ئەرمېنىيە تەرەپ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا، ئەزەربەيجاننىڭ ئۆز خەلقىنى قوغداش ۋە يەنە ئەرمېنىيەنى جازالاندۇرۇش ھوقۇقى ھەم كۈچى بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر