ئۆزبېكىستان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئۆزبېكىستان، بىرما دائىرىلىرىنى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

806080
ئۆزبېكىستان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرمادىكى ۋەزىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دۇچار بولۇۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندا ئەندىشە ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزبېكىستاننىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە ب د ت  دا كۆرسىتىلگەن پىرىنسىپلار بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىشان ۋە ۋەزىپىلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا، ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «بىرما ھۆكۈمىتىنى، بىگۇناھ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ پەقەت تىنچ ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانلىق مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ياردەم ئەشيالىرىنى يوللاشنى قارار قىلغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق مىلىتارىستلارغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاراكاندىكى پۇقرالارغا قاراتقان 25- ئاۋغۇستتىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا مىڭلارچە مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىرما دائىرىلىرى، رايونغا كىرىش – چىقىشلارغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرچە ئۆلگەن پۇقرالار سانىنى تولۇق ئېنىقلاپ چىقىش ئىمكانىيىتى يوق.

ئارمىيە بىلەن مىللەتچى بۇددىستلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا 150 دىن ئارتۇق يېزا ۋەيران قىلىپ تاشلاندى. ئون مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلمان ھاياتى بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ رايوندىن قېچىشقا تىرىشماقتا.

بىرمادىن قاچقان پۇقرالار تاغلىق رايونلار، ناف دەرياسى ياكى دېڭىز يولى ئارقىلىق باڭلادىش تەرەپكە ئۆتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر