ئىلھام ئەلىيېۋ ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئاراكاندا مۇسۇلمانلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرگە قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلدى.

804322
ئىلھام ئەلىيېۋ ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام ئىلھام ئەلىيىېۋ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1 – نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە مەسلىسىدە ئەزەربەيجاننى ۋە چېگرا رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە ئادىل ۋە مۇھىم قارارلارنى ماقۇللىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيىېۋ بىراق مەزكۇر قارارلارغا ئەرمېنىيەنىڭ رىئايە قىلمىغانلىقىغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋاللارغا «قوش ئۆلچەملىك ئىش تۇتۇش» دەپ باھا بەردى.

ئەزەربەيجان زېمىنىنىڭ %20 تىنىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىلھام ئەلىيېۋ، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىدا پاناھلانغۇچىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرمېنىيەدىمۇ ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمىنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەرمېنىيە مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشماقتا. بىراق ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەسلىك لازىم. مۇقەددەس جايلىرىمىزنى ۋە جامەلىرىمىزنى ئۆرۈپ تاشلىغان ئەرمېنىيە ھەرگىزمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ دوستى بولالمايدۇ» دېدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى ئاكتىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «مۇسۇلمانلارغا قارىتا سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. شۇنىڭدەك ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دۈچ كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىمۇ قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىرمادىكى ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى، سىياسىي ۋە دىنىي رەھبەرلەرنى ئۈنۈملۈك قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر