تاتارىستاندا خەلقئارالىق قازان مۇسۇلمانچە فىلىم فستېۋالى ئۆتكۈزۈلمەكتە

تاتارىستاندىكى خەلقئارالىق قازان مۇسۇلمانچە فىلىم فستېۋالىغا تۈركىيەدىن ئاتاقلىق سېنارىستلار قاتناشتى.

801962
تاتارىستاندا خەلقئارالىق قازان مۇسۇلمانچە فىلىم فستېۋالى ئۆتكۈزۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاتارىستاندا 13 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق قازان مۇسۇلمانچە فىلىم فېستىۋالى ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن باشلاندى.

پايتەخت قازاندىكى پىرامىت كۈلتۈر ۋە كۆڭۈل ئىچىش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم، قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزىل گېلەمدىن ئۆتۈش پائالىيىتى بىلەن باشلاندى.

تاتارىستان جۇمھۇر رەئىسى رۇستەم مىننىخانوۋ مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، فېستىۋالنىڭ يىلسىرى تېخىمۇ كۆپ قانتاشقۇچىنى جەلىپ قىلىۋاتلىقىنى بىلدۈردى. 

فېستىۋالدا تۈركىيەگە قىسقا فىلىم ساھەسى بويىچە «تام» ناملىق فىلىمى بىلەن سېنارىست مۇستافا كوراي پولات ۋەكىللىك  قىلدى.

سېنارىست مۇستافا كوراي پولات ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم قازانغا كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ فېستىۋالغا قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشاللانغانلىقىنى ئېيتتى.

سېنارىست مۇستافا كوراي پولات: «<تام> ناملىق فىلىم تۈركىيەدە پەرزەنتلىرى بىلەن ھاياتلىق مۇجادىلىسى قىلغان سۈرىيەلىك بىر ئايالنىڭ ھېكايىسىنى مەزمۇن قىلىدۇ» دېدى.

فېستىۋالدا يەنە تۈركىيەلىك سېنارىست ئابدۇلغافۇر شاھىننىڭ «چۈنكى ئىشق» ناملىق فىلىمى، مۇستافا كارانىڭ ۋېنگىرىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «قەلەندەر سوغۇقى» ناملىق فىلىمى، مەھمەت باشاقنىڭ «بۇرۇنقى گۈزەل كۈنلەرنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق فىلىمىمۇ تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلماقتا. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر