كۆك بۆرە دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى داۋاملاشماقتا

مۇسابىقىغا ئامېرىكا، تۈركىيە، تاجىكىستان، موڭغۇلىيە، ئەزەربەيجان، رۇسىيە، ۋېنگرىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئافغانىستاندىن تەنتەربىيەچىلەر قاتناشماقتا.

795411
كۆك بۆرە دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاتا مىراس تەنتەربىيەسى ھېسابلىنىدىغان «كۆك بۆرە دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى» قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلمەكتە.

 چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى 12 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ كۆك بۆرە دۆلەتلىك كوماندىسى تۈركىيە كوماندىسىنى 3 قارشى 13 نەتىجە بىلەن يېڭىۋالدى.

فىرغىزىستان كۆك بۆرە دۆلەتلىك كوماندىسى 21 – ئاۋغۇست كۈنى موڭغۇلىيە كوماندىسىنى  0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ۋە تۈنۈگۈن يەنە، ئۆزبېكىستان كوماندىسىنى 2 گە قارشى 11 نەتىجە بىلەن يەڭگەن ئىدى.

«كۆك بۆرە دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى» 28 – ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ.

مۇسابىقىغا ئامېرىكا، تۈركىيە، تاجىكىستان، موڭغۇلىيە، ئەزەربەيجان، رۇسىيە، ۋېنگرىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئافغانىستاندىن تەنتەربىيەچىلەر قاتناشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر