​​​​​​​تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىي مىللەتلەرگە مۇستەسنا پۇقرالىق بېرىلىدىغان بولدى

تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇستەسنا (يەنى قانۇنىي رەسمىيەتلەردىن ئەپۇ قىلىنغان» شەكىلدە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشى يېڭى بەلگىلىمە بىلەن ئاسانلاشتۇرۇلدى.

790988
​​​​​​​تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىي مىللەتلەرگە مۇستەسنا پۇقرالىق بېرىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىي مىللەتلەر دۇچ كېلۋاتقان ناھەقچىلىقلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇستەسنا (يەنى قانۇنىي رەسمىيەتلەردىن ئەپۇ قىلىنغان» شەكىلدە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ھوقۇقى بېرىلىدىغان بولدى.

يېڭى بەلگىلىمىگە بىنائەن «haymatlos» «ۋەتەنسىزلىك» سالاھىيەت كېنىشكىسى بولغان، غەربىي تراكيا تۈركلىرى ۋە بالقان تۈركلىرىدىن باشلىغانچە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق بارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە ئالدى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ئىقامىتى بېرىش يولغا قويۇلدى.

بۇ بەلگىلىمىگە بىنائەن 2017–يىلى 1–يانۋاردىن ئىلگىرى تۈركىيەگە كىرگەن ۋە قولىدا ئىقامىتى بولغان، گىرېتسىيە، بولغارىيە، ماكېدونىيە، ئالبانىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە كوسوۋۇ پۇقرالىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەمدە مەزكۇر دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋە «ۋەتەنسىزلىك» سالاھىيەت كېنىشكىسى بولغان كىشىلەرگە تۈركىيە پۇقرالىق قانۇنىنىڭ 12–ماددىسى ئاساسىدا مۇستەسنا (يەنى قانۇنىي رەسمىيەتلەردىن ئەپۇ قىلىنغان» شەكىلدە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ھوقۇقى بېرىلىدۇ.

مۇستەسنا (يەنى قانۇنىي رەسمىيەتلەردىن ئەپۇ قىلىنغان» شەكىلدە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ:

1- 2017-يىلى 1-يانۋاردىن بۇرۇن تۈركىيەگە كىرگەن بولۇش؛

2-  قانۇنلۇق ئىقامەت بىلەن تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بولۇش.

3 - گىرېتسىيە، بۇلغارىيە، ماكېدونىيە، ئالبانىيە، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ۋە كوسوۋۇ پۇقراسى بولۇپ، تۈركىيەدە تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇق– تۇغقانلىرى (ئاتا–ئانىسى، ئايالى ياكى پەرزەنتى) بولۇش؛

4-يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ گۈرەژدانلىقىدىن چېقىپ كېتىپ، «haymatlos» «ۋەتەنسىزلىك» سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولۇش؛

ئىلتىماس سۇنۇش مۇددىتى 2018 –يىلى 30-مايدا ئاخىرىلىىشدۇ.

يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە كىشىلەر، ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەتلەردىكى نوپۇس ئىشلىرى ئىدارىسىغا بېرىپ ئىلتىماس سۇنۇشنى باشلىدى.

ئىلتىماس سۇنغانلار ئارىسىدىكى «haymatlos» «ۋەتەنسىزلىك» سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلار ۋە تۈركىيە پۇقراسى بىلەن ئۆي–ئوچاقلىق بولغانلاردىن نوپۇس رويخىتىگە ئوخشاش ھۆججەتلەر تەلەپ قىلىنماقتا.

تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىي مىللەتلەردىن خىزمەت ھەققىي سۈپىتىدە پەقەت 10 لىرا پۇقرالىق ھەققى ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر