ئىسلام كەرىموۋنىڭ چوڭ قىزى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

ئىسلام كەرىموۋنىڭ چوڭ قىزى گۇنارە كەرىموۋا جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

779273
ئىسلام كەرىموۋنىڭ چوڭ قىزى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلتۇر ئۆلگەن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋنىڭ چوڭ قىزى گۇنارە كەرىموۋا «ئالدامچىلىق قىلىش، تاموژنا ۋە سودا قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش، يالغان ھۆججەت ياساش، جىنايەتتىن قىلىنغان كىرىملەرنى ئاقلاش ۋە تاشقى پىروۋۇت ساقلاش»قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ 27 يىل پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن ۋە 2016-سېنتەبىردە ئۆلگەن ئىسلام كەرىموۋنىڭ چوڭ قىزى گۇلنارە كەرىموۋانىڭ قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

تەپتىش ئىدارىسى گۇلنارە كەرىموۋغا ئۆزبېكىستان جىنايىي ئىشلار قانۇنىنىڭ  168-، 178-، 189- ، 228-، 243- قاتارلىق ماددىلىرىغا ئاساسەن جىنايەت بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر