قازاقىستان لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش خىزمەتلىرىنىڭ جىددىي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
قازاقىستان پەن – مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى يېرلان ساگادىيېۋ، قازاق تىلى لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تەييار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
778812
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاق تىلىنى لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىلاندا خاتالىق كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن، ئەتراپلىق ئويلىنىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ساگادىيېۋ، «بۇ يىل قىلىنىشى كېرەك بولغان بىردىنبىر ئىش، ھەممە قوبۇل قىلالايدىغان بىر ئېلىپبەگە ئۆتۈشتۇر. بىر قانچە خىل تاللاش بار، بۇلار باھالىنىدۇ ۋە ھەل قىلغۇچ قارار چىقىرىلىدۇ. ئارقىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشنىڭ خىزمەت پىلانى تەييارلىنىدۇ» دېدى.
مىنىستىر ساگادىيېۋ، ئېلىپبە تۈزۈش مەخسۇس كومىتېتىنىڭمۇ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.