خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى يانفونلىرىغا جاسۇس يۇمشاق دېتال قاچىلاشقا مەجبۇر قىلماقتا.

777087
خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يانفونلىرىغا «spyware» دەپ بىلىنىدىغان ۋە ئىشلەتكۈچىنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرىنى توپلايدىغان جاسۇس يۇمشاق دېتالنى قاچىلاشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

10 – ئىيۇل كۈنى ئۈۇمچىدە تۇرۇشلۇق ئويغۇر تۈركلىرىگە يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «Jingwang» ناملىق كۆزىتىش يومشاق دېتالىنى يانفونلىرىغا قاچىلاش بۇيرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەلگىلىمە تارقېتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ بەلگىلىمە خاراكتېرلىك قىسقا ئۇچۇردا مەزكۇر جاسۇس يومشاق دېتالىنىڭ تېررورچىلارنىڭ مەلۇماتلارغا ئېرىشىشىنى توسۇش مەقسىتىدە ئىشلەپچىقىرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ يۇمشاق دېتالنى دېگىنىدەك «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» مەقىستىدە ئەمەس، بەلكى پەقەتلا ئىشلەتكۈچىنى كۆزىتىش ۋە مەخپىي ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرۈلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايغا قاراشلىق ئېلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىدا 10 قازاق ئايال مەزكۇر «Jingwang» ناملىق كۆزىتىش يومشاق دېتالىنى يانفونلىرىغا قاچىلىغاندىن كېيىن «WeChat» ناملىق ئالاقىلىشىش تورىدا يوللىغان خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان.

نوپۇزلۇق ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تۋىتتېرنى مەركەز قىلغان ھالدا تارقىتىش بېرىدىغان بىر مېدىيا ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان فوتوسۈرەتتىمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەلۇم بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا رايون خەلقىنى قالايمىقان توسۇپ، يانفونلىرىغا «Jingwang» ناملىق كۆزىتىش يومشاق دېتالىنى قاچىلىغان ياكى قاچىلىمىغانلىقىنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. 

گەرچە خىتايدا مەملىكەت مىقسياسى بويىچە ئېلېكترونلۇق سەتكىدىن ئۆتكۈزۈش ئىجرائاتلىرىنى كەڭ ئۇچراتقىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مەسىلە بار رايون» دەپ قارىلىدىغان جايلاردا بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكى مەلۇم.

بۇ خىل «مەسىلە بار»، «خاتىرجەمسىز» رايونلاردا خىتاي دائىرىلىرى زورلاپ تېڭىۋاتقان ھەددىدىن تاشقىرى چەكلىمىلەر، كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر