تۈرك دۇنياسى «قورقۇت ئاتا»سىنى ئەسلەيدۇ

قورقۇت ئاتىنىڭ مىلادىنىڭ 570- يىلىدىن 632 – يىلىغىچە بولغان مەزگىللەردە، ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياشىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

761561
تۈرك دۇنياسى «قورقۇت ئاتا»سىنى ئەسلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۇنياسىنىڭ دانىشمەن ئاتىسىنى خاتىرلەش مەقسىتىدە 23 – نۆۋەتلىك خەلقئارا بايبۇرت قورقۇت ئاتا كۈلتۈر ۋە سەنئەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.

تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تونۇشتۇش قوندى بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت  ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ قوللاپ ھەسسە قوشۇشىشى ئارقىلىق بايبۇرت شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆـكۈزۈلىدىغان كاتتا مۇراسىم 14 – ئىيۇلدىن 16 – ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ.

تۈرك دۇنياسىنىڭ دانىشمەن ئاتىسى قورقۇت ئاتىنىڭ تېگى، ئوغۇزلارنىڭ كايى ۋە بايات قەبىلىسىگە تۇتىشىدۇ. قورقۇت ئاتىنىڭ مىلادىنىڭ 570- يىلىدىن 632 – يىلىغىچە بولغان مەزگىللەردە، ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياشىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇ بارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئاتىسى ۋە دانىشمىنى دەپمۇ بىلىنىدۇ. تۈرك داستانلىرىدا ۋە خەلق ھېكايىلىرىدا قورقۇت ئاتا نامىدىن تارقالغان مۆجىزىۋىي سۆزلەرنى كەڭ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

قورقۇت ئاتا داستانلىرىدا تولىمۇ گەزەل ھېكمەتلىك سۆزلەر، تۈرك تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر، خان بەگلەرگە مەدھىيە، تۈرك قائىدە - يوسۇنلىرىغا تەۋە نۇرغۇنلىغان تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە ياخشىغا مەدھىيە ئوقۇلۇپ، يامانلىق تەنقىد قىلىنىدۇ.

ھەر بىر ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا قوپۇزىنى چېلىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان قوقۇت ئاتا ئوغۇز بەگلىرىگە ۋە قەبىلىلىرىگە دۇئا ئوقۇيدۇ. شىئېر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ. بۇ ھېكايىلەردە تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئۇرۇشلىرى، تىنچلىق ئورنىتىشلىرى، ئائىلە ۋە مائارىپ قۇرۇلۇشى، ئەخلاقى ئۈستۈنلىكى ۋە كىشىلىك خاراكتېرلىرىنىڭ تولىمۇ مەستەھكەملىكى تەكىتلىنىدۇ.  

قورقۇت ئاتا ھېكايىلىرىنىڭ ئەسلى نۇسقىسى ھېسابلىنىدىغان «ئوغۇزلارنىڭ تىلىدا قورقۇت ئاتا» ناملىق ئەرەبچە يېزىلغان ۋە 12 داستاندىن تەشكىل تاپقان ھېكايىلەرنىڭ جۇغلانمىسى ھازىر گېرمانىيەنىڭ دىرېستېن كۈتۈبخانىسىدا، 6 ھېكايىدىن تەشكىل تاپقان 2 – نۇسقىسى بولسا، ۋاتىكان كۈتۈبخانىسىدا ساقلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر