مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆزبېكىستاندا

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى تۈركىيە – ئۆزبېكىستان قوشما ئىقتىسادىي كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا.

739038
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆزبېكىستاندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋجى تاشكەنتتە ئالدى بىلەن ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر شاراپوۋ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە تۈركىيە ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلىكى ۋە تۈركىيە مېھمانساراي شىركەتلىرى فېدېراتسىيەسى بىلەن ئۆزبېكىستان ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلىكى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، كېيىنچە ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمۇد مۇراتوۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئاساسەن ئاۋجىغا تون يېپىلدى ھەمدە ھەدىيەلەر تەقدىم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر