قىبرىس مۇزاكىرىلىرى داۋاملاشماقتا

قىبرىس مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا.

730956
قىبرىس مۇزاكىرىلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى ئېسپېن باس ئايدنى قوبۇل قىلدى.

ئايد تەخمىنەن 2 سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇزاكىرىلەردە بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، قىبرىس باسقۇچىنىڭ ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كەچ تەرەپلەردە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى بىتەرەپ رايوندا جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىس بىلەن كۆرۈشتى.

ئاقىنجى تەخمىنەن 4 سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇزاكىرىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە توختالدى ھەمدە مۇزاكىرىلەر باشلانغاندىن بۇيان 60 تىن ئارتۇق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر، 150 تىن ئارتۇق مۇزاكىرە ھەيئەتلىرى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسىلىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىشنى نىشان قىلماي تۇرۇپ، مۇزاكىرە باسقۇچىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي ئىرادىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر