بۈگۈن شۇشانىڭ ئىشغال قىلىنغىنىغا 25 يىل بولدى

بۈگۈن ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا شەھىرىنىڭ ئەرمېنىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقى 25 – يىلىغا قەدەم قويغان كۈن.

727702
بۈگۈن شۇشانىڭ ئىشغال قىلىنغىنىغا 25 يىل بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە ئارمىيەسى 1992 – يىلى 8 – مايدا ئەزەربەيجان قەدىمىي شەھىرى شۇشانى ئىشغال قىلىپ، 840 ئەزەربەيجانلىق پۇقرانى قەتل قىلدى، 22 مىڭدىن ئارتۇق ئەزەربەيجانلىق ۋەتەن زېمىنلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى، ئىشغال ھەرىكىتى جەريانىدا شۇشادىكى 280 گە يېقىن دىنىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئابىدىسى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىندى.

ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ زېمىنلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان 7 رايوندىكى ئەرمېنىيە ئىشغالى 25 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان داۋام قىلماقتا.

شۇشا بولسا، قاراباغدىكى باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاشلا 25 يىلدىن بۇيان ئازادلىق كۈنلىرىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر