ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇلغان بالىلار تۈرلۈك ھەق – ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالمايدۇ

ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانچە ۋە مىللىيچە ئىسىم قويۇلغان بالىلار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيالمايدۇ، نوپۇسقا تىزىملىتالمايدۇ ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر قاتارلىق تۈرلۈك ھەق – ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.

720904
ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇلغان بالىلار تۈرلۈك ھەق – ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمانچە ۋە مىللىيچە ئىسىم قويۇشىنى چەكلەش توغرۇلۇق چىقارغان قارارى ئارقىلىق «مۇھەممەد» ئىسمىنى ئىشلىتىشنىمۇ چەكلەشنى نىشان قىلماقتا.

«ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» مەقسىتىدە ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن قارارغا ئساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن پەرزەنتلىرىگە مۇسۇلمانچە ۋە مىللىيچە ئىسىملارنى قويغان مۇسۇلمانلار بالىلىرىنى نوپۇسقا تىزىملىتالمايدىكەن.

بالىلىرىغا چەكلەنگەن ئىسىملارنى قويغانلار ئەگەر بۇ ئىسىملارنى ئۆزگەرتمىسە، بۇ بالىلار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيالمايدىكەن ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەردىن بەھرىمەن بولالمايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلار بالىلىرىغا «مۇھەممەد»، «ئائىشە»، «پاتىمە»، «خەدىچە»، مۇجاھىد»، «جىھاد»، «تالىب»، «ئىمام»، «مۇسلىمە»، «سۇمەييە»، «نەسرۇللاھ»، «تۈركناز»، «تۈركىزات»، «ھاجى»، «ئەرەفات» «مەدىنە»، «شەمسىدىن»، «سەيپۇللاھ»، «ئابدۇلئەزىز»،  «سادام»، «بىن لادىن»، «ئەسەدۇللاھ»، «مۇخلىسە» قاتارلىق ئىسىملارنى قويالمايدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىغا مۇسۇلمانچە ۋە مىللىيچە ئىسىم قويۇشى چەكلەنگەندىن باشقا يەنە، ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ساقال قويۇشىنىڭمۇ مەنئىي قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر – ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئىلشات ھەسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنىڭ «ھاماقەتلىك» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر ئۆرنىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا مۇسۇلمانچە ۋە مىللىيچە ئىسىم قويۇشى ئەڭ ئاددىي كىشىلىك ۋە ئىنسانىي ھوقۇق بولۇپ، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىمۇ بۇ چەكلىمىنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق.»

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان بۇ چەكلىمىنىڭ «ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلارنى ھەممە ياقتىن قامال ھەم دەپسەندە قىلىش» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.  

تەشكىلات بالىلىرىغا خالىغانچە ئىسىم قويۇشنىڭ ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي  ھەققى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىگە دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدە خەلقنى قاتتىق باستۇرۇش، زالىملارچە مۇئامىلە قىلىش، ئۆيلەرگە قانۇنسىز ھالدا باستۇرۇپ كىرىش، دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەش، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە تىللارغا قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر