ئىسلامىي ۋە مىللىي ئىسىملارنى چەكلەش خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلامىي ۋە بەزى مىللىي ئىسىملارنى چەكلەش سىياسىتى، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئېلان قىلىنىپ، دىققەت تارتتى.

720794
ئىسلامىي ۋە مىللىي ئىسىملارنى چەكلەش خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بالىلارغا «مۇھەممەد»، «مەدىنە»، «سادام»، «مۇسلىمە»، «جىھاد» ياكى «تۈركىزات»، «ئەركىزات» قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى تارقىلىپ، كەڭ جامائەتچىلىك ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا، بالىلارغا قويۇش چەكلەنگەن بىرەر يۈزدىن ئارتۇق ئىسىمنىڭ تىزىملىكى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

2017-يىلى 24-ئاپرېلدىن باشلاپ خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلەرگە ئىسلامىي ۋە مىللىي ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئوخشىمىغان سەرلەۋھىلەردە ئۇلاپ تارقىتىلدى. ھەتتا، خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان پاكىستاندا چىقىدىغان «داۋن گېزىتى» (dawn) دىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىنىشى زور دىققەت قوزغىدى.

«داۋن گېزىتى» 25-ئاپرېل مەزكۇر خەۋەرنى «خىتاي ئىسىم تىزىملىكىنى تارقىتىپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىغا ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلىدى» سەرلەۋھىسىدە ئېلان قىلدى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» مەنبە قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشار رىشىتنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ «خىتاي شىنجاڭدا بالىلارغا نۇرغۇنلىغان ئىسلامىي ئىسىملارنىڭ قويۇلۇشىنى چەكلىدى» سەرلەۋھىسىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا شىنجاڭ دائىرىلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئورتاق بولغان <سادام>، <مەدىنە> دېگەندەك ئىسىملارنى دىنىي ئەسەبىيلىككە چېتىپ چەكلىگەن. بۇنداق ئىسم قويۇلغان بالىلارنىڭ نوپۇسقا ۋە مەكتەپكە ئېلىنمايدىغانلىقى ھەمدە باشقا ھەق-ھوقۇقتىن بەھرىمان بولالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىىلنغان.»

خەلقئارادىكى «نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى»، «گۇاردىيان گېزىتى»، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ئىندىپېندېنت <مۇستەقىللىق> گېزىتى»، «ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى»، «ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى» ۋە «ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق گېزىتلەردىمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئىسلامىي» ياكى «بۆلگۈنچىلىك» خاراكتېرىدىكى ئىسىملارنى بالىلارغا قويۇشنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۇلاپ تارقىتىلدى.

14-فېۋرال خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە نەچچە ئونمىڭ كىشىلىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈپ، كۈچ كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيەلەردە خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە يەرلىكلەردىن ساقچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشلىرى چىقىرىلغان ئىدى.

 ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدە تۆۋەن دەرىجىلىك يېزا كادىرلىرىدىن نازىر ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى كۈرەشتە مەيدانىنى ئېنىق قىلىش توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىش باشلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىردىن تارتىپ، مائارىپ نازارىتى، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇنىڭ ۋالىيلىرى، قىزىلسۇ ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ باشلىقلىرى ۋە بەزى ناھىيەلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرىمۇ بار.

1-ئاپرېلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خوتەندە 97 كادىرنىڭ ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، «دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشتىن ھايا قىلغانلىقى» سەۋەبىدىن «ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشتە بوشاڭلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان خوتەن ناھىيەسى ئازنا بازار كەنتىنىڭ باشلىقى جېلىل مەتنىياز ۋە «تويدا ئۆيىدە نىكاھ ئوقۇتۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان خوتەن چىرا ناھىيەسى چاقا يېزىسى بەكچان كەنتىنىڭ باشلىقى سالامەت مەمتىمىنلەر بار.

جېلىل مەتنىيازنىڭ دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمىگەنلىكى سەۋەبىدىن جازالانغانلىق ۋەقەسى «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»، «نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى»، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇستەقىللىق گېزىتى»، خوڭكوڭ «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» ۋە تۈركىيەدە چىقىدىغان «يەنى ئاكىت گېزىتى» قاتارلىق خەلقئارالىق نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان ھەمدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.

سىياسىي مۇتەخەسسىسلەر، «ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلەش» نىڭ خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىشىنى «خىتايغا بېسىم قىلىش» دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر