مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تۈركىيە مەتبۇئاتىدا كەڭ ئورۇن ئالدى
ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قىسىم مۇسۇلمانچە ئىسىملارنىڭ قويۇلۇشىنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تۈركىيەدىكى ھەر قايسى تاراتقۇلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانچە ئىسىملارنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تۈركىيەدىكى «ھۈررىيەت»، «پوستا»، «قارار»، «يېڭى شەپەق»، «يەنى ئاكىت»، «مىللىي گازەتە»، «تۈركىيە گېزىتى»، «ستار»، «ئاخشام»... دېگەندەك ھەر قايسى گېزىتلەردە، رادىيو - تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە مېدىيا، ئېلان ئورگىنى دېگەندەك ئىدارە – ئورگانلارنىڭ تور بەتلىرىدە كەڭ ئورۇن ئالدى.
مېدىيا، ئېلان ئورگىنىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسىنىڭ پەرزەنتلىرىگە «مۇھەممەد، ئائىشە، پاتىمە، خەدىچە، مۇجاھىد، جىھاد، تالىپ، ئىمام، مۇسلىمە، سۇمەييە، نەسرۇللاھ، تۈركناز، تۈركىزات، ھاجى، ئەرەپات، مەدىنە، شەمسىدىن، سەيپۇللا، ئابدۇلئەزىز، سادام، بىن لادىن، ئەسەدۇللاھ، مۇخلىسە» قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇشىنى مەنئى قىلغانلىقىنى يازدى.
خەۋەردە، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارارغا «ئەخمىقانە» دەپ باھا بېرىپ، بالىلارغا دىنىي ياكى ئېتنىك ئىسىم قويۇشنىڭ تولىمۇ نورمال كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.
تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ھۈررىيەت»، «خىتاي مۇسۇلمانچە ئىسىملارغا چەكلىمە قويدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىگە، خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە–خىتايچە يېزىلغان چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكىنىڭ سۈرىتىنىمۇ قوشۇپ ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.