ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ناھىيەلەر شەھەرگە ئۆزگەرتىلىدىكەن

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ۋىلايەت، ناھىيە ۋە شەھەرلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قايتىدىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

716430
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ناھىيەلەر شەھەرگە ئۆزگەرتىلىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان «شىنجىڭ گېزىتى» (新京报) نىڭ 12-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىنى مەنبە قىلىپ كۆرسەتكەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ناھىيەلەر ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بەزى ناھىيەلەرمۇ بار بولۇپ، ھازىر مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

2012-يىلى 12-فېۋرال سىنا تورىدا ئېلان قىلىنغان ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر، رايونغا ئۆزگەرتىلىدىغان ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەرگە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى دۆربىلىجىن ناھىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەرگە، ساۋەن ناھىيەسى شەھەرگە، چاغانتوقاي ناھىيەسى رايونغا ئۆزگەرتىلىدىكەن.

قەشقەر ۋىلايىتىدىن قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن يەكەن ناھىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەرگە ئۆزگەرتىلىدىكەن. يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىسمى زەرەپشانغا ئۆزگەرتىلىدىكەن.

 ئىلى ئوبلاستىدىن غۇلجا ناھىيەسى شەھەرگە، قورغاس ناھىيەسى رايونغا، كۈنەس ناھىيەسى شەھەرگە، ئىسمى ناراتقا ئۆزگەرتىلىدىكەن.

خوتەن ۋىلايىتىدىن خوتەن ناھىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ رايونغا ئۆزگەرتىلىدىكەن.

تۇرپان ۋىلايىتىدىن پىچان ناھىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەرگە ئۆزگەرتىلىدىكەن.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن كۇچار ناھىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەرگە، ئىسمى كۈسەنگە ئۆزگەرتىلىدىكەن. باي ناھىيەسىمۇ شەھەرگە ئۆزگەرتىلىدىكەن.

سانجى ئوبلاستىدىن چىتەي ناھىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەرگە ئۆزگەرتىلىدىكەن.

بايىنغولىن ئوبلاستىدىن بۈگۈر، قاراشەھەر ۋە چاقىلىق ناھىيەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەرگە ئۆزگەرتىلىدىكەن. چاقىلىقنىڭ ئىسمى كىرورەنگە ئۆزگەرتىلىدىكەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە يەنە، بەزى ۋىلايەت رايونلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن شەھەر ۋە رايونلار تەسىىس قىلىنىدىكەن. ئىلى ئوبلاستىدا يېڭىدىن قورغاس ئالاھىدە رايونى تەسىس قىلىنىدىكەن.

تارباغاتاي ۋىلايىتىدە يېڭىدىن قوشتولغاي شەھىرى قۇرۇلىدىكەن.

سانجى ئوبلاستىدا يېڭىدىن جۈندوڭ شەھىرى تەسىس قىلىنىدىكەن.

قۇمۇل ۋىلايىتىدە ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن يىجۇ ۋە سەۋدالىن رايونى تەسىس قىلىنىدىكەن.

تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن چۇخۇچۇ رايونى، چاغانتوقاي رايونى ۋە لىياۋتا يېڭى رايونى تەسىس قىلىنىدىكەن.

تۇرپان ۋىلايىتىدە ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن شەھەر تەسىس قىلىنىدىكەن ۋە ئىدىقۇت رايونى قۇرۇلىدىكەن.

قەشقەر ۋىلايىتىدە ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭى شەھەر تەسىس قىلىنىپ، كاشىغەر رايونى، قەشقەر كونا شەھەر رايونى، قەشقەر يېڭىشەھەر رايونى تەسىس قىلىنىدىكەن.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنىپ، يېڭىدىن قۇم ئايمىقى رايونى، ئونسۇ رايونى تەسىس قىلىنىدىكەن.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دېۋىزىيەسى تارمىقىدا يەنە 13 شەھەر تەسىس قىلىنىدىكەن.

خەۋەردە ناھىيە ۋە ۋىلايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەرگە ئۆزگەرتىش ئىقتىسادنى ئالغا سىلجىتىدىغان «پىشاڭ» دەپ ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى شەھەر قىلىپ قۇرۇلىدىغان ناھىيە ئىسىملىرىنىڭ خىتايچىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىگە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دېۋىزىيەسى تارمىقىدا تەسىس قىلىنىدىغان 13 شەھەرنىڭ ئىسمى ھەمدە ئورنىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر