توقسۇدا بىر تەشۋىقاتچى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى جاكارلىغان

ئۇيغۇر ئېلىدە، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك مىللىي كادىرلارنىڭ بەس-بەستە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشى، ھەتتا مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى جاكارلىشى چەت ئەللەردە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

715575
توقسۇدا بىر تەشۋىقاتچى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى جاكارلىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 29-مارتتىكى 28-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، 7 باب 50 ماددىلىق «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، رايون مىقياسىدا ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان مىللىي كادىرلار ئۆزىنىڭ كومپارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە كومپارتىيەنىڭ بارلىق سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بەس-بەستە ئوچۇق خەت ئېلان قىلماقتا.

كېرىيە جاي يېزىسىنىڭ باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن باشلانغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش دولقۇنىغا، توقسۇ ناھىيەسىدىكى كومپارتىيە ئەزاسى ۋە تەشۋىقات نەمۇنىچىسى گۈلشەن راخمانمۇ قوشۇلدى.

گۈلشەن راخمان 16-ئاپرېل كۈنى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا، «ئۇيغۇرلار تۇغۇلىشىدىنلا مۇسۇلمانمۇ؟ بىزنىڭ تاللاش ھوقۇقىمىز بارمۇ، يوق؟»، «دىنىي ئەسەبىيلەر بىزگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟ بىز سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتەلىدۇقمۇ، يوق؟»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا، بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز قەيەردە؟» دېگەن ئۈچ تېما بويىچە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

ئۇ خېتىدە: «مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدىلا كومپارتىيەگە ئەزا بولغان. مېنىڭ ئاتا-ئاناممۇ كومپارتىيە ئەزاسى، شۇڭا ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ئەمەس» دېگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلىدىلا توقسۇ ناھىيەسىدە سەككىز كىشىلىك تەشۋىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان بولۇپ، گۈلشەن راخمان گۇرۇپپىدىكى بىردىنبىر ئايال ۋە يېشى ئەڭ كىچىكى ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا، توقسۇ ناھىيەسى تەشۋىقات، تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىغان سەككىز رايونغا بۆلۈنگەن.

ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن «ئوچۇق خېتى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ناھىيە، ۋىلايەت ھەتتا ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مىللىي كادىرلار ئارقا-ئارقىدىن ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان ئىدى. ئوچۇق خەت ئېلان قىلغانلار ئىچىدە، قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇنىڭ ۋالىيلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى قاتارلىقلار بار.

بۇنىڭدىن باشقا، ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش كادىرلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە، ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگىمۇ كېڭەيدى. يېقىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە خوتەندىكى بىر قىسىم يازغۇچى، ئەدىپلەر ئورتاق ئىمزا قويۇپ، «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش» توغرىسىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇنداق ئوچۇق خەتلەرنىڭ «ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» يولغا قويۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازاغا تارتىلغاندىن كېيىنگە توغرا كېلىشى، سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر