خوتەن ناھىيەسىدە 18 ئادەم مۇكاپاتلاندى، 14 ئادەمنىڭ جاۋابكارلىقى تەكشۈرۈلدى

خوتەن ناھىيەسىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە ئىپادىسى ياخشى بولغان بىر تۈركۈم كادىر ۋە ئاممىنىڭ مۇكاپاتلانغانلىقى؛ يەنە بىر تۈركۈم پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

715526
خوتەن ناھىيەسىدە 18 ئادەم مۇكاپاتلاندى، 14 ئادەمنىڭ جاۋابكارلىقى تەكشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 16 – ئاپرېل سانىدىكى بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان 16 نەپەر خەلق ساقچىسى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغان 2 كىشىگە جەمئىي 1 مىليون 90 يۈەن مۇكاپات بېرىلگەن؛ يەنە مۇقىملىقنى قوغداشتا ئىپادىسى ياخشى بولمىغان، ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىمىغان، ئىستىلدا دۇرۇست بولمىغان 14 نەپەر پارتىيەلىك كادىرغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش دېگەندەك ھەر خىل جازالار بېرىلگەن.

ئەتراپلىق يېزىلغان بولۇشىغا قارىماي، خەۋەردە، مۇكاپاتلانغۇچىلار ۋە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنغانلارنىڭ ئىسمى، ئىش - ئىزلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2017-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى 28- نۆۋەتلىك يىغىنىدا ماقۇللانغان 7 باب 50 ماددىدىن تەركىب تاپقان «ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى 1 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىدى.

خەۋەردە، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» دائىرىسىدە مۇكاپاتلانغان ياكى جازالانغانلىقى ئەسكەرتىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر