ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋنىڭ ماي ئېيىدا خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن خىتايغا بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

712882
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايىېۋنىڭ خىزمەت زىيارىتى بىلەن خىتايغا بېرىدىغانلىقى ھەققىدە يەرلىك ئاخباراتچىلارغا بايانات بەرگەن ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ ۋە ئۆزبېكىستان پالاتاسى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق سافايېۋ، پىرېزىدېنت مىرزايېۋنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «چوڭ يېپەك يولى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى»غا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە، 14 – مايدىن 15 – مايغىچە «بىر يول بىر بەلۋاغ» شوئارى بىلەن خەلقئارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىش پىلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر