خوتەندە 8 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلارغا بىر يۈرۈش ئۆي بېرىلىدىكەن

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە سەككىز يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلارغا بىر يۈرۈش ئۆي بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

710932
خوتەندە 8 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلارغا بىر يۈرۈش ئۆي بېرىلىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى خوتەن، لوپ، قاراقاش ۋە گۇما ناھىيەلىرىگە، مەملىكەت بويىچە 8900 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى.

«جۇڭگو مائارىپ گېزىتى» نىڭ تور بېتىدە 7-ئاپرېل (جۈمە) ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۆت ناھىيەدە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغانلار بىر يۈرۈش ئۆي بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، بىر ئايلىق مائاشى 6 مىڭ سوم (يۈەن) دىن يۇقىرى بولىدىكەن. خوتەن ناھىيەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ياكى ئالىي كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى بارلار 150 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆي بىلەن تەمىنلەنگەندىن باشقا، رەسمىي ئىشتاتلىق بولغاندىن كېيىن، 200 مىڭ سوم ماكانلىشىش پۇلى بېرىلىدىكەن. ئەگەر ئۇدا 8 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلسا، تەمىنلەنگەن بىر يۈرۈش ئۆي ھەدىيە قىلىپ بېرىۋېتىلىدىكەن.

ماگېستىرلىق ئۇنۋانى ياكى مۇئاۋىن ئالىي كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى بارلار 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. رەسمىي ئىشتاتلىق بولغاندىن كېيىن، 80 مىڭ سوم ماكانلىشىش پۇلى بېرىلىدىكەن، ئەگەر ئۇدا 8 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلسا، تەمىنلەنگەن ئۆي ھەدىيە قىلىنىدىكەن.

پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر 50 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي بىلەن تەمىنلىنىدىكەن، رەسمىي ئىشتاتلىق بولغاندىن كېيىن، 30 مىڭ سوم ماكانلىشىش پۇلى بېرىلىدىكەن.

بىراق، خەۋەردە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، قوبۇل قىلىنىدىغانلارغا مىللەت چەكلىمىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

يېقىنقى كۈنلەردە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيەلىرىدە كۆپىيىۋاتقان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ساقچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىقتىساسلىق خادىم قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرى دىققەت قوزغىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر