خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا تاماكا چەكمىگەن مەمۇرنىمۇ جازالىدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر دۆلەت مەمۇرىنى «مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا تاماكا چېكىشتىن ھايا قىلغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن جازاغا تارتتى.

710949
خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا تاماكا چەكمىگەن مەمۇرنىمۇ جازالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىملىرى داۋاملاشماقتا. بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا تاماكا چېكىشتىن ھايا قىلغان بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارىنى «ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشتە بوشاڭلىق قىلغان» دەپ ئەيبىلەپ ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

تۈركىيەدە چىقىدىغان «يېڭى ئاكىت گېزىتى» نىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دىن نەقىل  كەلتۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خۇتەن ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن. 

خۇتەندە بىر يېزىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جەلىل مەتنىيازئىككى ھەپتە ئىلگىرى دىنىي زاتلارنىڭ يېنىدا تاماكا چېكىشتىن ھايا قىلغانلىقى سەۋەبىدىنلا ھۇقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئەمەلدار ۋەقە ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا: «تاماكا چېكىش-چەكمەسلىك كىشىلىك تاللاش مەسلىسىدۇر. ئېتىقادلىق كىشىلەر بىلەن ئادەتتىكى كىىشلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. مەزكۇر ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئەمەلدارنىڭ قىلغىنىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش پىرىنسىپلىرىغا زىت ئەمەس ئىدى» دېدى.

ئۇيغۇر رايونىدا 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىنىي ئەركىنلىكلەرنى ۋە پائالىيەتلەرنى چەكلەشنى نىشان قىلغان «ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش بەلگىلىمىسى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر