يەنە بىر ئۇيغۇر كادىر ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلانغان

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىمنىڭ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

709302
يەنە بىر ئۇيغۇر كادىر ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلانغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان «جۇڭگو ئىقتىساد تورى» نىڭ بۈگۈن (10-ئاپرېل) كى خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىنغان ئۇچۇردا بىلدۈرۈلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىىسى قانۇن بويىچە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىر) نى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

دېلو تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قەيت قىلنىشىچە، ئابدۇرازاق سايىم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە مائارىپ نەشرىياتىدا مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان.

 تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2017-يىلى 27-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىمۇ ئابدۇرازاق سايىمنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.

تاراتقۇلاردا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر قانچە داڭلىق يازغۇچى، مائارىپ ۋە نەشرىيات ساھەسىدە خىزمەت قىلغان بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلار تارقالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر