خوتەن ۋىلايىتىدە 97 كادىر جازالانغان

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما، قاراقاش، كېرىيە، لوپ، چىرا، نىيە، خوتەن ناھىيەسى ۋە خوتەن شەھىرىدە 97 مەمۇرىي خادىمغا ھەر خىل جازا بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

709511
خوتەن ۋىلايىتىدە 97 كادىر جازالانغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوتەن ۋىلايىتىدە ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزا، كەنت دەرىجىلىك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان 97 كادىرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، ھەر خىل جازالار بېرىلگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان خەۋەرلەردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جازا بېرىلگەنلەر ئۇيغۇر ۋە خىتاي مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن. جازا بېرىلگەنلەر ساقچى، سوت، ئىدارە-ئورگانلار ۋە يېزا-كەنت باشلىقلىرىدىن تەركىپ تاپقان. ئۇلار ئاساسلىقى بىخەتەرلىكىنى ھۆددىگە ئالغان كەنتتە قونماسلىق، دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىشقا ۋاقتىدا بارماسلىق ياكى بايراق چىقىرىشقا چىقمىغانلارنى تولۇق تىزىملىماسلىق، خىزمىتىدە ئەستايىدىل بولماسلىق، كەنت ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلىمەسلىك، ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئېنىق بولماسلىق، قالايمىقان ھەق يىغىش، ئىستىلى ياخشى بولماسلىق، مەسچىتكە ناماز ئوقۇغىلى كەلگەنلەرنىڭ ئىسمىنى تولۇق تىزىملىماسلىق، ۋاقتىدا خىزمەت ئورنىدا بولماسلىق، باشقىلاردىن نەپ ئۈندۈرۈش، پۇل بەرمىسە ئىش بېجىرمەسلىك، چارلاشقا قاتناشماسلىق، يىغىنغا قاتناشماسلىق، دىنىي خادىملار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىك، دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا قورقماي تاماكا چەكمەسلىك قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان. بۇلارغا خىزمىتىدىن ھەيدەش، پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ ئاگاھلاندۇرۇش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق جازالار بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر