ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستان 75 كېلىشىم ئىمزالىدى

ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا 75 كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

698409
ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستان 75 كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى قىلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن قازاقىستاندا پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ تەرىپىدىن ئاقئوردا سارىيىدا مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى. ئىككى رەھبەر مۇراسىملاردىن كېيىن، ئايرىم كۆرۈشتى ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەلىرىدە مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «كۆرۈشۈشلىرىمىزنى چارشەنبە (22-مارت) باشلىدۇق. بۈگۈن (23-مارت) 500 ئۆزبېك ۋە قازاق سودا-سانائەتچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سودا مۇنبىرىنى ئاچىمىز، مۇنبەردە تارىخىمىزدا تۇنجى قېتىم 1 مىليارد دوللارلىق 75 كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ» دېدى.

نەزەربايېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆتكەن يىلى (2016) ئالەمدىن ئۆتكەن پىرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋ بىلەن ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ پىرېزىدېنت نەزەربايېۋنىڭ ئۆتكەن يىلقى سەمەرقەنت زىيارىتى جەريانىدا قىيىنچىلىق كۈنلەردىمۇ ئۆزبېكىستان بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا قىلغان باياناتىنىڭ، ئىككى دۆلەتنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «يېقىنقى بەش ئايدا مۇناسىۋەتلىرىمىز تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى، سودا-ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىمىز يېڭى سەۋىيەلەرگە يەتتى. بۈگۈنكى سودا مۇنبىرىگە 250 ئۆزبېكىستانلىق سودا-سانائەتچى قاتنىشىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رايوننىڭ سودا ھەمكارلىقىغا كۆپ ئەھمىيەت بېرىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر