ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قارارگاھلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە قارارگاھ سۈپىتىدە ئىشلەتكەن بەزى نىشانلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا تۈنۈگۈن كەچتە ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇۋاتقان خوجاۋەند ناھىيەسىدە قارارگاھ سۈپىتىدە ئىشلەتكەن بەزى نىشانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان.
مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ھاۋادىن ۋىدېئوغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشتىن بۇرۇن ئەرمېنىيە قارارگاھلىرىنىڭ ئالدىدا ئاپتوموبىللار ۋە ئەسكەرلەر كۆرۈلىدۇ.
ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۆز خەلقىدىن يوشۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ كونتروللۇقىنىڭ پۈتۈنلەي ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تەرىپىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆزبېكىستان - قىرغىزىستان چېگراسىدا ياسالغان سېپىل ئۆرۈلۈپ چۈشتى
ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان چېگراسىدىكى بىر ئۆتۈشمە نۇقتىسىدا ياسالغان سېپىل ئۆرۈلۈپ چۈشتى.