نەزەربايېۋ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ يادرو قورالى بولمىغان يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

682196
نەزەربايېۋ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى قازىنفورم (Kazinform) دا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شىۋېيتسارىيەنىڭ بازېل شەھىرىدىكى تىنچلىق بىلىم ۋە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئېيلن ۋور ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەن ئاتوم لايىھەسىنىڭ پەخرى ئەلچىسى قارىپبېك قۇيۇكوۋنى يادرو قورالىدىن ۋاز كېچىش ئىشلىرىغا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ نوبېل كومىتېتىغا سۇنغان ئىلتىماسىدا، نەزەربايېۋنىڭ 22 يىل ئىچىدە يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىش ساھەسىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ يادرو قورالى بولمىغان تىنچلىق مۇھىتىغا ئىگە يېڭى دۇنيانى بارلىققا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە مۇھىم پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر