بىنالى يىلدىرىم ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئۇچرىشىشتا دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

682433
بىنالى يىلدىرىم ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رۇستەم ئازىمۇۋنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

باش مىنىستىرلىق تۇرالغۇسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش بىر سائەت داۋاملاشتى.

ئۇچرىشىشتا دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئۆزبېكىستان بىلەن يېڭى ھاكىمىيەت باسقۇچىدا ئىلگىرىلىگەن ئۆزئارا مۇناسۋەتلەردىن باشقا يەنە، ئىقتىساد، سودا ۋە قاتناش ساھەسىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ھەققىدىمۇ كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئۇچرىشىشتا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە بىخەتەرلىك تېمىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر