نۇمان قۇرتۇلمۇش خوجائەلى قىرغىنچىلىقى ئۈستىدە توختالدى
نۇمان قۇرتۇلمۇش باياناتىدا، ئەزەربەيجان يۈرتلىرىدىن بىرسى بولغان خوجائەلىدا بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى ئەرمېنىيە لۈكچەكلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇنتىمىدۇق ۋە ئونتۇلدۇرمايمىز» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش «ئەرمېنىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئەزەربەيجان زېمىنىدىن بالدۇرراق چېقىپ كېتىشى لازىم» دېدى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش خوجائەلى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 25 – يىلىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خەلقئارا جامائەتچىلىك 1992 – يىلى 26 – فېۋرالدا خوجائەلىدە يۈز بەرگەن ئىنسانىيەتكە خىلاپ قانۇنسىزلىققا ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرىۋەرمەسلىكى لازىم. ئەرمېنىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئەزەربەيجان زېمىنىدىن بالدۇرراق چېقىپ كېتىشى كېرەك» دېدى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش باياناتىدا، ئەزەربەيجان يۈرتلىرىدىن بىرسى بولغان خوجائەلىدا بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى ئەرمېنىيە لۈكچەكلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇنتىمىدۇق ۋە ئونتۇلدۇرمايمىز» دېدى.
غەرب ئەللىرىنىڭ ھەردائىم ئەرمېنىيەنىڭ ئاتالمىش داۋالىرىنى تەشۋىق قىلىشنى داۋملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى، بىراق 20 – ئەسىرنىڭ ئەڭ ۋەھشىيانە قەتلىئاملىرىدىن بىرسى بولغان خوجائەلى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ: «خەلقئارا جامائەتچىلىك 1992 – يىلى 26 – فېۋرالدا خوجائەلىدە يۈز بەرگەن ئىنسانىيەتكە خىلاپ قانۇنسىزلىققا ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرىۋەرمەسلىكى لازىم. ئەرمېنىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئەزەربەيجان زېمىنىدىن بالدۇرراق چېقىپ كېتىشى كېرەك. تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان خەلقى ئىككى دۆلەت بايرىقى ئاستىدىكى بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئازابتىمۇ ۋە شاتلىقتىمۇ بىر ۋە بىرلىكتە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۆزئارا قېرىنداشلىقىنى ئەبىدىل ئەبەد داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازابىنىڭ بىزنىڭمۇ ئازابىمىز ئىكەنلىكىمىزنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، خوجائەلى قەتلىئامىدا شېھت بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن يەنە بىر قېتىم رەھمەت تېلەيمىز» دېدى.