رومېنىيەدە بىر مۇسۇلمان تاتار تۈرك ئايال مۇئاۋىن باش مىنىستىر بولدى

سەۋىل شائىدەھ بۇ قېتىمقى يېڭى كابېنتتا مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە رايونلۇق تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.

643690
رومېنىيەدە بىر مۇسۇلمان تاتار تۈرك ئايال مۇئاۋىن باش مىنىستىر بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رومېنىيەدە تاتار تۈركلىرىدىن سەۋىل شائىدەھنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئەمدىلىكتە مۇئاۋىن باش مىنىستىر بولدى.

رومېنىيەدە 11 – دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمي سايلامدا ئىجتىمائىي دېموكراتىك پارتىيەسى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى تەكلىپ سۈپىتىدە باش مىنىستىرلىككە تەيىنلىشى ئۈچۈن سورىن گىرندېئانۇنى كۆرسەتتى. رومېنىيە پىرېزىدېنتى كىلاۋۇس لوھاننىس ئۇنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىدى ۋە كابېنت ئەزالىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.

ئىجتىمائىي دېموكراتىك پارتىيەسى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپ مۇسۇلمان تاتار سەۋىل شائىدەھنى كۆرسەتكەن بولۇپ،  بىراق بۇ تەكلىپ تېگى نېمىس پىرېزىدېنت كىلاۋۇس لوھاننىس تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى.

سەۋىل شائىدەھ بۇ قېتىمقى يېڭى كابېنتتا مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە رايونلۇق تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.

يېڭى ھۆكۈمەت كابېنتىدا 26 مىنىستىر ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئىجتىمائىي دېموكراتىك پارتىيەسى بىلەن لىبېرال دېموكراتلار بىرلىكى پارتىيەسى ئەزالىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن رومېنىيە پارلامېنتىدا، بۇ تەيىنلىنىشلەرنىڭ تەستىقتىن ئۆتىشىگە ھېچ قانداق توسالغۇ يوقلۇقى بىلدۈرۈلمەكتە.

يېڭى ھۆكۈمەت كابېنتىدا لىبېرال دېموكراتلار بىرلىكى پارتىيەسىگە 4 مىنىستىرلىق تەۋە بولدى.

ئەگەر ئىجتىمائىي دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستىر بولۇشى ئۈچۈن سۇنغان دەسلەپكى تەكلىپى پىرېزىدېنت لوھاننىس تەرىپىدىن رەت قىلىنمىغان بولسا ئىدى، رومېنىيەدە تۈنجى ئايال باش مىنىستىر مۇسۇلمان تاتار تۈركلىرىدىن سەۋىل شائىدەھ بولغان بولاتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر