مۇجاھىت كاشغەرىي خەلقئارالىق كىچىك كەشپىياتچىلار مۇسابىقىسىغا قاتناشتى

جاراڭلىق شېئىردېكلاماتسىيەلىرى بىلەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسى» دەپمۇ تونۇلغان كىچىك مۇجاھىت كاشغەرىنىڭ لايىھەسى خەلقئارالىق كىچىك كەشپىياتچىلار مۇسابىقىسىدە 1200 لايىھە ئىچىدە دەسلەپكى 100 ئىلغار لايىھە ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.

638571
مۇجاھىت كاشغەرىي خەلقئارالىق كىچىك كەشپىياتچىلار مۇسابىقىسىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى، شانلىئۇرفا ۋالىيلىق مەھكىمىسى، تۈرك دۇنياسى فوندى جەمئىيىتى ۋە شانلىئۇرفا شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا 24 – دېكابىردىن 25 - دېكابىرغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بويىچە خەلقئارا تۈرك دۇنياسى 3 – نۆۋەتلىك ئىلىم–پەن، لايىھە، كەشپىيات مۇسابىقىسى ۋە كۈلتۈر فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.

4 مىڭ كىشىلىك گاپ تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كىچىك كەشپىياتچىلار مۇسابىقىسىغا تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتى ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلەردىن بولۇپ، جەمئىي 1200 لايىھە ۋە كەشپىيات قاتناشتۇرۇلدى. جاراڭلىق شېئىر دېكلاماتسىيەلىرى بىلەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسى» دەپمۇ تونۇلغان كىچىك مۇجاھىت كاشغەرىينىڭ «ھەممە ئەتراپىغا كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئايلانما ئۆي» لايىھەسى، 1200 لايىھە ۋە كەشپىيات ئىچىدە دەسلەپكى 100 ئىلغار لايىھە ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.

مۇجاھىت كاشغەرىي لايىھەسىنى كۆرگەزمە قىلغان بۆلۈمنى تۈركىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى ئورخان ئەردەم، شانلىئۇرفا ۋالىيسى گۈنگۆر ئەزىم تۇنا، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باشقا مەسئۇل دۆلەت ئەربابلىرى ئايرىم-ئايرىم كېلىپ زىيارەت قىلدى ۋە مۇجاھىتنىڭ لايىھەسىگە يۇقىرى باھا بەردى. مۇجاھىت كاشغەرىي  لايىھەسىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن تۈركىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى ئورخان ئەردەم ۋە شانلىئۇرفا ۋالىيسى گۈنگۆر ئەزىم تۇنا ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلدى.

25 –دېكابىر كۈنى خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئىلىم–پەن، لايىھە، كەشپىيات مۇسابىقىسى ۋە كۈلتۈر فېستىۋالىنىڭ يېپىلىش ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى مۇجاھىت كاشغەرىنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشى بىلەن باشلاندى. مۇجاھىت كاشغەرىي دېكلاماتسىيە قىلغان، تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ «كەلگۈسىنى قاراڭغۇ كۆرۈپ، بوشىشىپ قالما» ناملىق شېئىرى4 مىڭ كىشىلىك تەنتەربىيە زالىنى قاتتىق ھاياجانغا چۆمدۈردى.

مۇجاھىت كاشغەرىي 2 كۈن بويىچە شانىلئۇرفادىن، تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايتى ۋە 18 تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن زىيارەتكە كەلگەن ئۆسمۈرلەرگە ئۆز لايىھەسىنى تونۇتۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر رايونى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

تۈركىيەدىكى ھەر تۈرلۈك پائالىيەت ۋە ھەر قايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا 3 يېرىم يېشىدىن باشلاپلا جاراڭلىق شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسى» دەپمۇ تونۇلۇپ كەلگەن مۇجاھىت كاشغەرىي، ئالدىنقى يىلى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئەسكىشەھىر ۋالىيلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن  خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى 2 – نۆۋەتلىك ئىلىم–پەن، لايىھە، كەشپىيات مۇسابىقىسىدە «كېرەكسىز ماددىلاردىن ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسى»نى قاتناشتۇرغان ھەمدە باھالىغۇچىلارھەيئىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، دەسلەپكى ئەڭ ئىلغار 10 لايىھە ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپ 4 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى كىچىك مۇجاھىت كاشغەرىي ھازىر 9 ياشتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر