تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى نەۋزات تۈركدەن ئەپەندى ۋاپات بولدى
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى قوللىغۇچىلىرىدىن ئادۋوكات نەۋزات تۈركدەن ئەپەندى قەيسەرىدە 90 يېشىدا دۇنيا بىلەن ۋېدالاشتى. ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن ئايرىلغانلىقىغا چوڭقۇر قايغۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1965 - يىلى ئۇيغۇر رايونىدىن ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە ھىجرەت قىلىپ، قەيسەرىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارغا تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ماددى، مەنىۋى ھەر تۈرلۈك يارىدەملەردە بولۇپ كەلگەن ئادۋوكات نەۋزات تۈركدەن ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇلار ئارسىدا «نەۋزات ئاكا»دەپ ئالاھىدە ھۆرمەتلىنەتتى.
نەۋزات تۈركدەن ئەپەندى 40 يىلدىن بۇيان ئىزچىل نەشىر قىلىنىۋاتقان «ئەرجىيىس ژۇرنىلى»نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە بانىسى بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى، ئاكىسى، قول – قانىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە كۈلتۈرىنى تونۇتۇشقا خالىسانە تۆھپە قوشقۇچىسى دەپمۇ مەشھۇر ئىدى.
نەۋزات تۈركدەن ئەپەندى 1928 – يىلى 2 - ئىيۇندا قەيسەرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن ۋە 1995 – يىلىدىن تارتىپ قەيسەرىدە ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئۇ «ئەرجىيىس ژۇرنىلى»نى 1979 – يىلى تەسىس قىلىپ، قەيسەرى مەدەنىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك دۇنياسىنى تونۇتۇشقا چوڭ توھپىلەنى قوشقان ئىدى.
نەۋزات تۈركدەن ئەپەندى قەيسەرى ۋە تۈرك دۇنياسغا كۆرسەتكەن خالىسانە خىزمەتلىرى يۈزىسىدىن نۇرغۇن قېتىم چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
نەۋزات تۈركدەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى پۈتۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى. قەيسەرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار تەزىيە زىيارىتىدە بولۇپ، دۇئا - تىلاۋەتلەرنى قىلدى.
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى. ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق كەڭ تارقالدى. خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار نەۋزات تۈركدەن ئەپەندىگە ئاللاھتىن رەھمەت ۋە ئائىلىسىگە سەۋر – تاقەت تىلەكلىرىدە بولدى.