قۇتۇبى ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى
خىتاي يەر تەۋرەش تورى مەركىزى، سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە 6.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
626002
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يەر تەۋرەش تورى مەركىزى، سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 6 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ بار – يوقلۇقى ھەققىدە ھازىرغىچە ئۇچۇر بېرىلمىدى.
قۇتۇبى ناھىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىي ئۈرۈمچىنىڭ 68 كىلومېتىر غەربىگە جايلاشقان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.