ئاسىيا تۆمۈر يولى كارىدورىنىڭ دەسلەپكى قىسمى پۈتتى

تۈركمەنىستان-ئافغانىستان-تاجىكىستان تۆمۈر يولى لىنيەسىنىڭ 88 كىلومېتىرلىق قىسمى، ئىمامنازار چېگرا ئېغىزىدا مۇراسىم بىلەن قاتناشقا ئېچىۋېتىلدى.

619172
ئاسىيا تۆمۈر يولى كارىدورىنىڭ دەسلەپكى قىسمى پۈتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ خەلقئارا ئاسىيا تۆمۈر يولى كارىدورىنىڭ 88 كىلومېتىرلىق قىسمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ تۆمۈر يولى لىنيەسىنىڭ دەسلەپكى بۆلىكىدە قاتناش باشلانغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «چوڭ يىپەك يولى قايتىدىن بارلىققا كەلمەكتە. بۇ لىنيە ئاسىيا، ياۋروپا ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشىدۇ» دېدى.

ئۇ «خەلقئارا ئاسىيا تۆمۈر يولى كارىدورى» دەپ ئاتالغان بۇ لىنيەنىڭ، تۈركمەنىستان چېگراسىدىكى ئاتامۇرات-ئىمامنازار ئارىسىدىكى 85 كىلومېتىرلىق قىسمى بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئاقىنا چېگرا ئېغىزىغىچە بولغان ئۈچ كىلومېتىرلىق قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 88 كىلومېتىرلىق بۆلىكى ئۈچۈن بارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى يېڭى تۆمۈر يولى كارىدورىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا سودا، ئۆزئارا دىيالوگ ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر