خىتاي ئاقتۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە ئالاقدار 3 – دەرىجىلىك جىددىي سېگنال ۋەزىيىتىگە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

618217
خىتاي ئاقتۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى تارىخىي قەشقەر شەھىرىنىڭ 170 كېلومېتىر غەرب تەرىپىگە ۋە پامىر تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىگە جايلاشقان ھەمدە «قىرغىز ئاپتونوم ناھىيەسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئاقتۇ ناھىيەسىدە 2016 – يىلى 25 - نويابىر كەچ سائەت 22:24 ئۆتكەندە يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ 30 سىكونت داۋاملاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەر يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى ئاقتۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق مۇجى كەنتى ئىكەنلىكىنى، كەنتنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 10 مىڭ كىۋادرات كلومېتىر ئىكەنلىكىنى ھەمدە قىزغىز تۈركلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇ رايوندا خەلقنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2014 – يىلى ئېلان قىلغان ئىستاتىستېكىلىق مەلۇماتلىرىدا بولسا، بۇ چارۋىچىلىق رايونىدا تۆگە، قوتاز، ئات كالا ۋە قوي قاتارلىق جەمئىي 70 مىڭ تۇياقتىن كۆپرەك چارۋا بارلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىلەر ئاقتۇدا تۈيۈخسىز يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، بىراق خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە ئالاقدار 3 – دەرىجىلىك جىددىي سېگنال ۋەزىيىتىگە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. 

بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر رايونىغا كۆڭۈل بولىدىغان خەلقئارادىكى ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا خىتاينىڭ يەر تەۋرەشنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر تەپسىلاتلارنى قەستەن يوشۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كەڭ ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. 

بۈگۈن خىتاينىڭ رەسمىي مەنبەلىرى ئاقتۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيانلىرى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

خىتاي مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاقتۇدا بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 08:00 گىچە 2200 كىشى زىيانغا ئۇچرىغان، 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 37 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە 1 مىليون 700 مىڭ يۇئەنلىك ماددىي زىيان كۆرۈلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تولىمۇ يۈزەكى ۋە گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر