بۈگۈن دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىدۇ

بۈگۈن دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېلېۋىزوردا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ.

613959
بۈگۈن دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق خۇسۇسىي تېلېۋزىيە قاناللىرىدىن بىرسىدە ئۇيغۇر مەسلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئاتاقلىق تارىخشۇناس يازغۇچى كوراي شەربەتچىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن 19 – نويابىر سائەت 22:15 ئۆتكەندە نەخ مەيداندىن تارقىتىلىدىغان «ھازىر ۋە دەۋر» ناملىق پىروگراممىغا ئۇيغۇر ئاكادىمىك ۋە زىيالىيلار ئىشتىراك قىلىدۇ.

پىروگراممىغا ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شۇنداقلا مۇستەقىل تەتقىقاتچى ژۇرنالىست ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ.

پىروگراممىدا ئۇيغۇر رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرگەن پاجىئەلىك چوڭ ۋەقەلەر ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

«ھازىر ۋە دەۋر» ناملىق پىروگرامما «Tv24 » قانىلىدا بۈگۈن كەچ سائەت 22:15 ئۆتكەندە نەخ مەيداندىن تارقىتلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر