ئەزەربەيجان مىللىي ئويغىنىش بايرىمىنى تەبرىكلىدى
ئەزەربەيجان، مۇستەقىللىقىنىڭ تۇنجى قەدىمى تاشلانغان 17 – نويابىرنى مىللىي ئويغىنىش بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1988- يىلى كىرىملىن دائىرىلىرى ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان تۈركلىرىگە سالغان زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان مەزگىللەردە، ئەرمېنىيەدە ياشايدىغان 200 مىڭدىن ئارتۇق ئەزەربەيجان تۈركى زېمىنلىرىدىن سۈرگۈن قىلىندى. ئەرمەنلەر، شۇ يىلى ئەزەربەيجاننىڭ يۇقىرى قارابااغ رايونىغا ھۇجۇم قىلدى. ئەزەربەيجان خەلقى بولسا، زۇلۇمغا قارشى كوچىلارغا چىقتى.
1988 – يىلى 17 – نويابىردا باكۇدىكى ئازادلىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا يۈز مىڭلارچە ئادەم ئىشتىراك قىلدى. 17 كۈن داۋاملاشقان بۇ نارازىلىق نامايىشى سوۋىت ئىتتىپاقى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كوللېكتىپ ھەرىكەت سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ بۇ ئورۇنلۇق ساداسى، سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەزەربەيجاننى مۇستەقىللىقكە ئېلىپ بارىدىغان مۇساپىنىڭ باشلانغۇچى بولۇپ قالدى. مۇستەقىللىق يولىدا تۇنجى قەدەم تاشلانغان 17 – نويابىر كۈنى 1992 – يىلىدىن بۇيان ئەزەربەيجاندا «مىللىي ئويغىنىش بايرىمى» سۈپىتىدە تەبرىكلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.