ئىلھام توختىنىڭ ھەق – ھوقۇق كۈرىشى ت ر ت ئاۋاز قانىلىدا ئەتراپلىق ئاڭلىتىلدى

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئىلھام توختىنىڭ ھەق – ھوقۇق كۈرىشى ھەققىدە ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پروگراممىنىڭ ۋىدېئو ئارخىپىنى تولۇق كۆرەلەيسىلەر.

601490
ئىلھام توختىنىڭ ھەق – ھوقۇق كۈرىشى ت ر ت ئاۋاز قانىلىدا ئەتراپلىق ئاڭلىتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دوكتور ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسىغا تارقىتىش بېرىدىغان ت ر ت ئاۋاز قانىلىدا ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەققانىي كۈرەشلىرى ئەتراپلىق ئاڭلىتىلدى.

«تۈركىستان گۈندەمى» يەنى «تۈركىستاننىڭ كۈن تەرتىپى» ناملىق پروگراممىسىدا ئىلھام توختىنىڭ ئىش ئىزلىرى، تۈرمىگە قامىلىش سەۋەبلىرى، ئائىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختىغا بولغان كۆز قارىشى، ئۇ ئېرىشكەن مۇكاپاتلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى شۇنداقلا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىقلار تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى.

پىروگرامممىغا «ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» مۇدىرى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

 29 - ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پروگراممىدا يەنە، ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ماقالە ۋە باياناتلىرىنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان «يولۇم ۋە غايەم» ناملىق كىتاب توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر