تۈركىيەنىڭ پەتھى قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان قوماندان

تۈركىيەنىڭ پەتھى قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ۋە ناھايتى كۆپ ئوغۇزلار بىلەن بىرلىكتە سۇلتان ئالپ ئارسلانغا بەيئەت قىلغان قوماندان

592037
تۈركىيەنىڭ پەتھى قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان قوماندان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوغۇزلارنىڭ دۆگەر قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولغان ۋە تۈركىيەنىڭ پەتھى قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان سەلچۇقىيلار بەگلىرىدىن ئەرتۇق غازى 1063 – يىلى ئەزەربەيجان رايونىدا قول ئاستىدىكى سانى ناھايتى كۆپ ئوغۇزلار بىلەن بىرلىكتە سۇلتان ئالپ ئارسلانغا بەيئەت قىلغان.

1071 – يىلى سەلچۇقىيلار سۇلتانى ئالپ ئارسلان مالازگىرت ئۇرۇشىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنى يېڭىپ، زەپەر قۇچقاندىن كېيىن، سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان ئەرتۇق غازىغا ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئانادولۇنى پەتھى قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن يېشىلئىرماق ۋادىسىغا كېلىپ، ئىچكى ئانادولۇ رايونىدىكى شەھەر ۋە قەلئەلەرنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسەتكەن. كېيىنچە ئىراق، بەھرەين، جەنۇبىي ئانادولۇ، سۈرىيە، قۇددۇس ۋە پەلەستىن رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن.

ئەكسۈك بەگنىڭ ئوغلى ئەرتۇق بەگ ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان ئەنقەرەنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ قەدىمىي تۈركمەن پاتىھىدۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەرتۇق غازى ئەنقەرەنى 1073 – يىلى پەتھى قىلغان. ئەرتۇق بەگ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تەخت تالىشىش ماجىرالىرىدا ئىمپېراتور نامزاتى بوتانىئاتېسنى قوللاپ، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنىڭ تاللىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ مەزگىللەردە چاقا بەگنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن،  ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ سارىيىدا بوتانىئاتېسقا خىزمەت قىلىشى دىققەت قوزغايدۇ.

ئەرتۇق غازى ئىزمىرنى پەتھى قىلىش جەريانىدا تۈركمەنلەرنىڭ توپ – توپ بولۇپ، ئىزمىتتىن ئىزمىرغىچە بولغان پۈتكۈل غەربىي ئانادولۇغا كۆچۈشىدە تۈرتكلىك رول ئوينىغان.

ئەرتۇق غازى ئوتتۇرا ئانادولۇ رايونىدا ئەنە شۇنداق پەتھى قىلىش پائالىيەتلىرىدە بولۇۋاتقان مەزگىلدە سەلچۇقىيلار ھۆكۈمدارى سۇلتان مەلىكشاھ تەرىپىدىن مەركەزگە چاقىرتىلىپ، لۇرىستان رايونىدىكى ئىسيانلارنى تىنجىتىش ئۈچۈن شۇ رايونغا ئەۋەتىلگەن.

ئەرتۇق غازىنىڭ ئانادولۇدىكى پايدىلىق پائالىيەتلىرى ئۇنى مۇستەقىل بىر بەگلىك قۇرۇشتىنمۇ كۆرە دۆلەت ساھىبى بولۇش سەۋىيەسىگە يەتكەنىدى. بەھرەين رايونى ئاھالىسى باتىنىيلارنىڭ ئىسيانىنى تىنجىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئەرتۇق غازى بەسرەگە كەلگەن. بۇ يەردىن ھەرىكەت قىلىپ،  كاتىف ۋە ئاھسا قەلئەلىرىنى ئالغان. ئارقىدىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ،  قارماتىيلەردىن بەھرەين ئاراللىرىنى ئالغاندىن كېيىن باغدادقا قايتقان.

باغدادتا ئابباسىيلار خەلىپىسى قائىم بىئەمرىللاھنىڭ دىۋان يىغىنىغا قاتناشقان ئەرتۇق غازىغا خلىپە تەرىپىدىن رۇكنۇددىن (دىننىڭ تۈۋرۈكى) ۋە زاھىرۇددىن (دىننىڭ ياردەمچىسى) دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئۇنۋانلار بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن تەكرار بەسرەگە قايتقان سۇلتان مەلىكشاھ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا ھەربىي يۈرۈشلىرى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەن.

ئەرتۇق غازىنىڭ كېيىنكى ۋەزىپە ئۆتەش يېرى يەنە بۈيۈك سەلچۇقىيلار سۇلتانى مەلىكشاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ بولغان. شۇ چاغدا شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ ۋە سۈرىيەدىكى يەرلىك بەگلەر بىر – بىرىگە قارشى كۈرەش ھالىتىدە بولۇپ، بۈيۈك سەلچۇقىيلار سۇلتانىغا ئانچە ئىتائەت قىلىپ كەتمەيتتى. سۇلتان مەلىكشاھ ئانتاكياغىچە بولغان پۈتكۈل تېرروتېرىيەنىڭ بىۋاسىتە سەلچۇقىيلار دۆلىتىگە قاراشلىق بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ھۈلۋان رايونىدىن يولغا چىقىپ، سۈرىيە رايونى سەلچۇقىيلار مەلىكى تۇتۇشنىڭ يېنىغا بارغان ئەرتۇق غازى 1085 - يىلى بۇ يەردىن قۇددۇسقا ئۆتكەن. تۇتۇش قۇددۇس ۋە ئەتراپىنى سەلچۇقىيلارنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن ئەرتۇق غازىغا تارتۇق قىلغانىدى.

ئەرتۇق غازى ئانادولۇ پاتىھى سۇلايمانشاھ بىلەن سۈرىيە سەلچۇقىيلار مەلىكى تۇتۇش ئوتتۇرىسىدا ھەلەب ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا تۇتۇش تەرەپتە تۇرغان. سۇلايمانشاھنىڭ ئۆلۈمى بىلەن نەتىجىلەنگەن بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ھەلەب ۋە سۈرىيە رايونى تۇتۇشنىڭ قولىغا ئۆتكەنىدى. بىراق بۈيۈك سەلچۇقىيلار سۇلتانى مەلىكشاھ سۇلايمانشاھنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە غەزەپلىنىپ، سۈرىيە سەپىرىگە ئاتلانغان.  تۇتۇش بىلەن ئەرتۇق غازى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن چېكىنىپ، دەمەشق ۋە پەلەستىنگە كەتكەن.  ئەرتۇق غازى قۇددۇسقا چېكىنگەن.  شۇندىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر قۇددۇستا ياشىغان ئەمىر ئەرتۇق غازىنىڭ قەبرىسىمۇ قۇددۇستا.

تارىخشۇناس ئىبنۇلئەسىر «ئۇلار زەپەر قازانمىغان ھېچبىر  ئۇرۇش بولمىغان»دەپ ئاتىغان ئەرتۇق غازىنىڭ ئوغۇللىرى سۆكمەن ۋە ئىلگازى ئۆزىدىن كېيىنكى قۇددۇسنىڭ ئەمىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغان. ئەرتۇق غازىنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئىلگازى كېيىنچە ماردىندە،  سۆكمەن ھەسەنكەيفتە ئاتىلىرىنىڭ نامىدىن بىرەر بەگلىك قۇرغان. بۇ بەگلىكلەر ئانادولۇدىكى تۇنجى تۈرك بەگلىكلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئارتۇقلۇقلارنىڭ ماردىن، دىيارباقىر، ھارپۇت، ھەسەنكەيف، ئەخلەت ۋە بىتلىستە ئايرىم – ئايرىم بەگلىكلەرنى قۇرغان. ئەرتۇقلۇقلاردىن ھازىرغىچە نۇرغۇن مەدرىسە، شىپاخانا، جامە، ئىمارەت، ئۆتەڭ ۋە كۆۋرۈك قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلار ساقلىنىپ قالغان. ئەرتۇق غازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پاتىھ شېھىتلەرنى، غازىيلارنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر