قازاقىستان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىشقا تەييارلانماقتا

قازاقىستان مەبلەغ سالغۇچى ۋە ساياھەتچى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە 2017 – يىلىدىن باشلاپ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۆلەت سانىنى 48 گە چىقىرىشنى پىلانلىماقتا.

588045
قازاقىستان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان سېلىنما ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى يەنىس قاسىمبەك، ئالدىمىزدىكى يىلى يانۋار ئېيىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەرنىڭ پۇقرالىرىدىن ۋىزىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، « شۇنىڭ بىلەن، ۋىزىسىز تۈزۈم يولغا قويۇلغان دۆلەت سانى 48 گە يېتىدۇ» دېدى.

تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە رۇسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە دېگەندەك ئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچى سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان قاسىمبەك، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مېھمانخانا سانىنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 871 دىن 2441 گە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئالدىمىزدىكى يىلى قازاقىستان ساھىبخانلىق قىلىدىغان ئاستانە 2017 – يىللىق خەلقئارا يەرمەنكىسى دائىرىسىدە دۆلەتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە ھەر خىل ساياھەت پىلانلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى، قاتناش ئۈست قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر