دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى

دوكتۇر ئەلى قاراداغى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە «ياشلار ۋە مەسئۇلىيەتلىرى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

587043
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋەتۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر خەلقئارا ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپكە بىنائەن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئەلى قارىداغىمۇ قاتناشتى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتۇر ئەلى قارىداغى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى»نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جەمئىيەت مەركىزىدە ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

دوكتۇر ئەلى قاراداغى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە «ياشلار ۋە مەسئۇلىيەتلىرى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ سۆزىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، جۈملىدىن مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن موھىم بولغان 4 نۇقتىنى جىكىلىدى.

«1 - ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى ئاساس قىلىش،  بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. 2 - ئىقتىسادى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچىنى ئاشۇرۇشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشتۇر» دېگەن دوكتۇر ئەلى قاراداغى بۇ نۇقتىدا يەھۇدىيلارنىڭ قانداق تەرەققى قىلىپ، قانداق كۈچەيگەنلىكىدەك رىئاللىقلارنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىك تىكلىشىنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دوكتۇر ئەلى قاراداغى يەنە، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مىدىيا - تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش،  بۇ ساھەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ موھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەھۇدىيلارنىڭ بۇ ساھەدە دۇنياۋى ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ساھەسىنى كونترول قىلىۋالغاندىن كىيىنكى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ۋە ئۇرۇنۇشلىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بەردى.

دوكتۇر ئەلى قاراداغى ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ چېچىلاڭغۇلۇق ۋە تەپرىقچىلىقنى تاشلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بىرلىكىنى مۇستەھكەملىشىنىڭ ئىنتايىن موھىم تەقەززا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە سورالغان سوئاللارغىمۇ ئەتراپلىق جاۋاپلارنى بەردى. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم تەۋسىيەلەردە بولدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتۇر ئەلى قارىداغىنىڭ تولىمۇ پايدىلىق سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ يىغىنغا يۇقىرى باھا بەردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر