ئۆزبېكىستان سايلام ھەلەكچىلىكىدە

ئۆزبېكىستاندا بۇ يىل 4-دېكابىردا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

572629
ئۆزبېكىستان سايلام ھەلەكچىلىكىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاندا پىرېزىدېنت ئىسلام كەرىموۋنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بوش قالغان پىرېزىدېنتلىق ماقامى ئۈچۈن بۇ يىل 4-دېكابىردا سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پىرېزىدېنت نامزاتلىرى پەقەت سىياسىي پارتىيەلەر تەرىپىدىنلا كۆرسىتىپ بېرىلىدىغان ئۆزبېكىستاندا، مىللىي شاخلىنىش دېموكراتىيە پارتىيەسى رەئىسى سارۋار ئاتامۇرادو، «ئادالەت» ئىجتىمائىي دېموكراتىك پارتىيەسى رەئىسى نارىمان ئۇماروۋ، خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى رەئىسى خوتامجون كەتمونوۋ ۋە ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ قاتارلىقلار لىبېرال دېموكراتىك پارتىيەنىڭ نامزاتلىرى كۆرسىتىلدى.

پارتىيەلەرنىڭ تەشكىلىي ھەيئەت كېڭەشلىرىدە بېكىتىلگەن نامزاتلارنىڭ رەسمىي ئىلتىماسلىرى پارتىيە قۇرۇلتايلىرىدا تەستىقلانغاندىن كېيىن مەركەز سايلام كومىتېتىغائەۋەتىلىدۇ.

تەخمىنەن 32 مىليون نوپۇسلۇق ئۆزبېكىستاندا بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا 21 مىليون 500مىڭ سايلىغۇچىنىڭ ئاۋاز بېرىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر