ئىسلام كەرىموۋنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق

ئۆزبېكستان پىرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋ شەنبە كۈنى (3-سېنتەبىر) دىن بۇيان دوختۇرخانىدىن چىقمىدى.

563738
ئىسلام كەرىموۋنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان ھۆكۈمىتى پەقەت يەكشەنبە كۈنى (4-سېنتەبىر) ئىسلام كەرىموۋنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بەرگەن بولۇپ، پىرېزىدېنتنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىدىن باشقا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. ئىسلام كەرىموۋنىڭ كىچىك قىزى لولا ئىنتېرنېتتە كەرىموۋا دادىسىنىڭ مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  

ئۆزبېكستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25-يىللىقى قايغۇ ئىچىدە تەبرىكلەندى. ھەشەمەتلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ۋە كونسېرتلارنىڭ ئۆتكۈزۈلمەسلىكى، ساليوتلارنىڭ ئېتىلماسلىقى، ئىسلام كەرىموۋنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. 78 ياشلىق ئىسلام كەرىموۋ ئۆزبېكستان مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن 1991-يىلدىن تارتىپ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلمەكتە.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ) تۇنجى مەكتىپىنى ئۆزبېكستاندا ئاچقان بولۇپ، ئىسلام كەرىموۋ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تاقىۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر