ئەسەد كۈچلىرى تۈركمەن تېغىغا ھۇجۇم قوزغىدى
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق كۈچلەر لازىقىييە تاغلىق رايونىدىكى تۈركمەن تېغى بىلەن جەبەلۇلئەكرادقا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد كۈچلىرى جەبەلۇلئەكراد رايونىدىكى قىببانى يېزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن بومباردىمان قىلماقتا. ئەسەد كۈچلىرىنىڭ يەنە، تۈركمەن تېغىدىكى كەلەز، ساللۇر، يامادى ۋە زەيتىنجىك يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقى، رايوندا بەزىدە شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.
ھاكىمىيەت كۈچلىرى تۈنۈگۈن تۈركمەن تېغىدىكى ئىسا پىنار يېزىسىغا كىرىشىگە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۆكتىچىلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانىدى.
رايوندىكى پارتلاش ئاۋازلىرى سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتى يايلاداغى ناھىيەسىدىمۇ ئاڭلانماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.