«ئىسلام دۇنياسى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

تۈركىيەدە چاقىرىلغان «ئىسلام دۇنياسى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن نېمىلەردىن كۈتىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى.

560147
«ئىسلام دۇنياسى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئىسلام ئەللىرىنىڭ  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى» تېمىلىق خەلقئارالىق يىغىنغا ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

23 -ئاۋغۇستتىن 26 -ئاۋغۇستقىچە داۋاملاشقان يىغىنغا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شىۋېتسىيەدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى، گېرمانىيەدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى، قازاقىستاندىن تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئارتىق ھاجىيۇپ ئەپەندى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ سەئىدى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا، ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۇيغۇرلارنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ  15 - ئىيۇل فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىدىكى ھەرخىل ئىنكاسلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركىيەدىن كۈتىدىغان ئۇمىدلىرى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم دوكلات بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر