تۈركىيەدە چاقىرىلغان ئىسلام دۇنياسى كونفېرانسىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى ئىلمىي كونفېرانسىغا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شىۋېتسىيەدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار، گېرمانىيەدىن ئەنۋەرجان، قازاقىستاندىن تۇرسۇن ئەپەندى ۋە ئارتىق ھاجىيۇپ قاتارلىق ۋەكىللەر قاتناشتى.

558372
تۈركىيەدە چاقىرىلغان ئىسلام دۇنياسى كونفېرانسىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15- ئىيۇلدىكى خىيانىتىگە قارشى، "ئىسلام ئەللىرىنىڭ تۇركىيەدىكى ھەربىي–سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە بولغان ئىنكاسلىرى" تېمىسى ئاستىدا  چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىنغا، ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى.

23 -ئاۋغۇستتىن 26 -ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسىئىلمىي كونفېرانسىغا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شىۋېتسىيەدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار، گېرمانىيەدىن ئەنۋەرجان، قازاقىستاندىن تۇرسۇن ئەپەندى ۋە ئارتىق ھاجىيۇپ قاتارلىق ۋەكىللەر قاتناشتى.
مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار، بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ 15 - ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي–سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارىتا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېس–تۇيغۇلىرى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەرخىل ئىنكاسلار شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇركىيەدىن كۈتىدىغان ئۇمىدلىرى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم دوكلات بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر